نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئىلان ماسك نىقاۋىنى ئاچتى :«ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى «ئىككى تەرەپلىك» ئ‍ش,تەيۋەن-جۇڭگونىڭ زېىمىنى»

ئىلان ماسك

FILE - Elon Musk, who owns Twitter, Tesla and SpaceX, speaks at the Vivatech fair, June 16, 2023, in Paris. Thousands of people logged complaints about problems accessing Twitter on Saturday, July 1, after Musk limited most users to viewing 600 tweets a day — restrictions he described as an attempt to prevent unauthorized scraping of potentially valuable data from the site. (AP Photo/Michel Euler, File)

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-سىنتەبىر

يېقىندا، دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس ئىلان ماسك (Elon Musk) ھەققىدە ۋالتىر (Walter Isaacson’) تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى، مەزكۇر كىتابتا ئىلان ماسكنىڭ خاراكتىرى كىشلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلگەن.

كىتابتا يەنە ئىلان ماسك ئەركىن مېدىيا (The Free Press’ )نىڭ مۇخبىرى بارس (Bari Weiss)قا مۇنداق دىگەن:تېۋىتتر جۇڭگو ھەققىدە سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كىرەك.چۈنكى تېسلانىڭ جۇڭگودىكى سودىسغا تەسر يېتىدۇ.جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئىككى تەرىپى بار ئىش.»

ئىلان ماسك يەنە، «تەيۋەن دىگەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېىمنى، خۇددى ھاۋاي ئامېرىكىنىڭ زېىمىنى بولغانغا ئوخشاش» دىگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىلان ماسكنىڭ بۇ سۆزىگە قارشى بايانات ئىلان قىلدى:

«بىز ئىلان ماسكنىڭ ختايغا سېتىلغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز،ئەمما تەيۋەن  ستېلمايدۇ.»

ئىنگىلىز تىلىدا، «ئىككى تەرىپى بار ئ‍ش »دىگەنلىك-ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يوللۇق تەرىپى بار ياكى «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش خاتالىقى بار»دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ ئىلان ماسكنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا، ختاينى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى،  تېۋىتتردا ختاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق تەشۋىقاتىغا يول قويغانلىقىنى ، قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان ئۈرۈمچىدە تېسلا مەركىزىنى قۇرغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىلان ماسك تېۋتترنى سېتىۋالغاندىن كىين،ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ساختا ئۇچۇرلىرى كۆپەيدى.ئەمما تېۋىتتر بۇنىڭغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەت قوللانغىنى يوق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.