نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي تۇنجى بولۇپ تالىباننى رەسمى ئېتىراپ قىلىپ باش ئەلچى ئ‍ەۋەتتى،تالىبان باش منىستىرى ۋە  تالىبان ئارمىيسى ھەربى مۇراسم بىلەن كۈتۈۋالدى

تۇرسۇنجان، 13-سىنتەبىر

ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى 13-سىنتەبىر تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانستان پايتەختى كابۇلغا باش ئەلچى تەيىنلىدى. باش ئەلچى جاۋ شىڭ كابۇلغا كەلگەندىن كىين،تالبان ئارمىيسى مەخسۇس ھەربى مۇراسم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى،بۇ ختاينىڭ تالىباننى دۇنيادا خەلقئارا دىپلوماتىيە قائىدىسدە باش ئەلچىنى ھەربى مۇراسم بىلەن كۈتۈۋىلىش ئاز ئ‍ۇچرايدۇ.ئادەتتە پىرەزدىنت ياكى باش منستىر، دىپلوماتىيە منستىرى قاتارلىقلار  زىيارەت قىلغاندا، دۆلەت زىياپىتى بىرىپ، ئارمىيە قائىدە بويىچە كۈتۈۋالىدۇ. ختاي باش ئەلچى جاۋ شىڭنى يەنە تالىبان باش منستىرى كۈتۈۋالغان بولۇپ، تالىبانغا باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن جاللات شى جىن پىڭغا رەھمەت ئىيتقان.

 ختاي دۆلىتى تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانستانغا ئەڭ كۆپ ئېقتسادى مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھسابلىنىدۇ.بولۇپمۇ كانچىلىق، ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلۇشى، تىلگىراف، تىرانسپورت قاتارلىقلار ختاينىڭ ئاساسى مەبلەغ تۈرلىرى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان ،ئ‍سمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر تېخنىك مۇنداق دىدى:

«ختاينىڭ جاسوسلۇق تورلىرى -ئافغانستاندا تىلگىراف-ئالاقە، تىلفون ئ‍شلىرىغا بىۋاستە قول تىققانلىقى، خەۋەرلىشش مۇنارلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرينى ختاي تەمىنلىگەنلىكى، مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن،بۇ جايدا ئۇيغۇرچە سۆزلىشش قەتئى بىخەتەر ئەمەس.بىز ھازىرغىچە بۇ دۆلەتتە قانچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ جىمجىيت يوقالغانلىقىنى،ئۆلگەنلىكىنى، ختايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز.»

ئامېرىكا ئ‍اۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيلدى: ختاينىڭ تالىبان بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى مەقسدى، تالىباننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، تالىبانننىڭ زامانىۋىلىششنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆزى بىلەن ئېتتپاقداشلىق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت،

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.