نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىنى مەلۇم قىلىش قوللانمىسى ئۇيغۇرچە ئىلان قىلىندى

ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمى

ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمى

رىچارد ئۇيغۇر ، 12-سىنتەبىر

ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش زۇلۇملىرى ھەققىدە ئ‍سپات توپلاش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىشلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى (Safeguard Defenders ) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى مەلۇم قىلىش قوللانمىسى»تۈزۈپ ئۇيغۇرچە، ختايچە، تېبەتچە قوللانمىلىرىنى ئىلان قىلغان.

مەزكۇر قوللانمىدا،دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى، ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ختاي زۇلۇمىنى پاش قىلىش ئ‍ۇسۇللىرى قوشۇپ ئىلان قىلىنغان.

بۇ مەزكۇر ساھەدىكى تۇنجى ئەمگەك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئۆزىنى روھى، جسمانى، ئېقتسادى جەھەتتە قوغدىشى ئۈچۈن بېسلغان ئەھمىيەتلىك قەدەم.

مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئۇيغۇرچسنى بۇ يەرنى بېسپ كۆرەلەيسز

كىشلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى (Safeguard Defenders )-2019-يىلى ئ‍يۇندا، ئ‍سپانىيەتنىڭ مادېرىت شەھىرىدە مايكىل كاستىر(Michael Caster) ۋە پېتىر داھلىن (Peter Dahlin) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تاپاۋەت قوغلاشمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، مەخسۇس ختايدىكى ئىز-دىرىكى بولمىغان كىشلەر ھەققىدە پاكىت توپلايدۇ ۋە ھېمايىچىلىق پائالىتى ئىلىپ بارىدۇ.

مەزكۇر تەشكىلات ئىلگىرى ختايغا قايتۇرۇلۇش ئىېھتىماللىقىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.