نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدىكى بىر قسم يارقىن نۇقتىلار:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۇرغۇنجان تەييارلىدى

*ئامېرىكا ختاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق بىلەن شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسدىكى تارىخى قۇرۇلۇش-پويىز يولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

*ختاي دۆلەت رەئىسى شى بۇ قېتىملىق مۇھىم يېغىنغا قاتناشمىدى، ئورنىغا باش منستىر لى كېچىياڭنى ئەۋەتتى.بىر قسم تاراتقۇلار:«ختاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا سستىمىسغا قارشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى »دەپ قاراشتى.

*يېغىن ھىندستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى، ھىندستان ختاي بىلەن رىقابەتلىشۋاتقان كۈچلۈك ھالىتىنى نامايان قىلىشقا تىرشتى.

*ھىندىستان باش منستىرى مودى ئافرىقا ئېتتپاقىنىڭ مەزكۇر گۇرۇھقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ ختاي يتەكچى ئورۇننى تالىشۋاتقان«كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقى»نىڭ دۇنيادىكى يتەكچىلىك ئورنىغا قىلىنغان خىرىسنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارالدى.

*ھىندستان يەنە دۆلەت ئ‍سمىنى «India» ئەمەس، «Bharat»دەپ قوللىنىپ، ھىندى مىللەتچىلىكىنىڭ قايتا كۈچيدىغانلىقىدىن سگنال بەردى.

*ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن ختاينىڭ بولماسلىقىدىن پايدىلاندى، ختاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسدا ئىككىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشپ، ئۇلارنى يېنىغا تارتىشقا تېرشىماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.