نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئىسرائىلىيەدە ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى  

5-سىنتەبىر

تېل ئاۋىۋ شەھىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر تېل ئاۋىۋدا ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 160 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

ئ‍ېرتىرىيە شەرقى شمالى ئافرىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، قېزىل دىڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن، پايتەختى ئاسمارا بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىفئوپىپە بىلەن بولغان توقۇنۇش ۋە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك،نۇرغۇن پۇقرالار دۆلىتىنى تاشلاپ قېچشقا مەجبۇر بولغان.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئېرىترىيەلىك نۇرغۇن مۇساپىرلار ئېرىترىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نامايىش قىلغان، بۇ ئارىلىقتا نامايىشچىلار دۇكان ۋە ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چېقىش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ راست ئوق ۋە باش قېيىش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتتى ھەمدە 39 نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.