شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى دەستەكلەشنى قارار قىلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-فېۋرال
ئارمان
BBC تورىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىتەرەپ دۆلەت شىۋېتسارىيە بىر قانچە كۈنلۈك ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان بارلىق ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 336 نەپەر رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىدىكەن. ئاشكارا بولۇشىچە، شىۋېتسارىيە بانكىسىدا رۇسىيەنىڭ ساقلانغان نەچچە يۈز مىليونلۇق دوللار قىممىتىدىكى مەبلىغى بار ئىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت شىۋېتسارىيە ھاۋا تەۋەلىكىمۇ رۇسىيەگە قارىتا بۈگۈندىن باشلاپ ئېتىۋېتىلىدىكەن.
شىۋېتسارىيە پرېزىدېنتى Ignazio Cassis بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئەركىنلىك بىلەن دېموكراتىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بىلەن باراۋەر، بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تاجاۋۇز قىلمىشى ئالدىدا بىتەرەپلىك مەۋجۇت ئەمەس، شىۋېتسارىيە تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ”جەنۋە ئەھدىنامىسى“ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»