ئۇكرائىنا تەرەپ ۋەكىللىرى رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بېلارۇسىيە چېگراسى يېنىغا يېتىپ كەلگەن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-فېۋرال
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-فېۋرال ئەتىگەندە رۇسىيە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى بېلارۇسىيە چېگراسىغا يېتىپ كەلگەن.
ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئۇرۇش توختىتىش ۋە رۇسىيە ئارمىيەلىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە بولىدىكەن.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلىنسكى يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ بۇ كۆرۈشۈشتىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئەمما ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، گەرچە بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ سىناپ باقىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»