نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۆمەر قانات «دۇنيا دىنلار پارلامېنتى» يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى

دۇنيا دىنلار پارلامىنتى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئۆمەر قانات چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىلدىكى دۇنيا دىنلار يىغىنىدا 2023-يىلدىكى پارلامېنت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ھەر قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان جامائەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز مىللىتى ۋە ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان مىللەتلەرنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن ئېتىقادلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دۇنيا دىنلار پارلامېنتى»The Parliament of the World’s Religions-دۇنيادىكى ھەر قايسى دىنلار ئارا دىئالوگ، سۆھبەت، چۈشىنىش ۋە تىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئەمەس، ئېتىقاتچى ئامما تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان چوڭ تەشكىلاتتۇر.بۇ تەشكىلاتنىڭ يىللىق كونفىرانسى ھەر قايسى دىنلار ۋە ئېتىقاتچى خەلق دۇچ كىلىۋاتقان ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسلىسنى مۇھىم كۈنتەرتىپتە مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسنى بىلدۈرىدىغان ھەر قانداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەي قاتناشماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.