نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئ‍ۇيغۇر ئىگىلىك تېكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت تۈرمىگە تاشلانغان.

ئ‍ۇيغۇر ئىگىلىك تېكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت تۈرمىگە تاشلانغان

ئاينۇرە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

17-ئاۋغۇست،

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت قولغا ئىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى، قانچە يىل كېسلگەنلىكى ھەققىدە كونكېرت ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى.

ئابدۇلخەبىر مەمەت كەلپىن ناھىيسدە مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.ئامېرىكىدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۇ يەنە چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارغا قولايلىق تۇغدۇرۇش مەقسىتىدە ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى ئاچقان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشى ئۈچۈن شارائ‍ىت ياراتقان.ئۇنىڭدىن سىرت، كۆپ قېتىم لېكسيە سۆزلەپ، ياشلارغا ئ‍ىلھام بەرگەن.

ئابدۇلخەبىر مەمەت ھازىرغىچە ھىچقانداق ئاممىۋى سورۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەنقىدى سۆز ياكى بايانات بىرىپ باقمىغان بولۇپ، ئىزچىل ئۇيغۇر-خىتايلار ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ئورنىتىش، ئورتاق تەرەققى قىلىش پىكىر ئىقىمىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ كەلگەن.

فايسبۇكتا بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىشقان ئۇيغۇرلار ئابدۇخەبەر مەمەت ھەققىدە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرگەن:

ئابدۇلخەبىرنىڭ قولغا ئىلىنىشى-ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ، جۈملىدىن خىتاي تەرەپتارى ۋە قوللىغۇچىسى بولسىمۇ، پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە، ھىچقانداق سەۋەبسز قولغا ئىلىنىدىغانلىقىدىن ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ زەربە بېرىش نشانى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.