ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۆز قىلدى. كېڭەش پالاتاسى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ جاكارلىدى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-مارت
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلنىسكى بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا تور ئارقىلىق سۆز قىلىپ،ئامېرىكىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئۇكرائىناغا جىددىي ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ئايروپىلانلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى، پۇتىن ۋە رۇسىيەگە كېلىدىغان ھەر قانداق پۇل ۋە مالىيە مەنبەسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.ئۇ جوۋ بايدىنغا مۇنداق دېدى: «سىز دۇنيانىڭ لېدىرى، دۇنيانىڭ لېدىرى بولۇش دېگەنلىك، تىنچلىقنىڭ لېدىرى بولۇشتۇر.»
ئۇ رۇسچە سۆزلىگەن بولۇپ، تەرجىمان ئارقىلىق ناھايىتى تەسىرلىك سۆزلىگەن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى تارىخى ئۆزگەرتكۈچى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن كىيىن تاراتقۇلاردا پۇتىن ۋە رۇسىيە ھەققىدە ئىجابىي سۆزلەش جىنايەت، ئەخلاقسىزلىق، ئۇرۇشنى ھىمايە قىلغانلىق، ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە قاتىللىقنى ھىمايە قىلغانلىق بولىدۇ.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»