تۈركمەنىستاندا يېڭى پرېزىدېنت ھوقۇققا ئولتۇردى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 15-مارت
شۇ جاي ۋاقتى 14- مارت ئاياغلاشقان پرېزىدېنت سايلىمىدا سەردار بەردىمۇھاممەدوف 72.97%لىك بېلەت بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.
مۇۋەققەت پرېزىدېنت سەردار بەردىمۇھاممەدوف 1981-يىلى 22-سېنتەبىر ئاشخابادتا تۇغۇلغان بولۇپ، تۈركمەنىستان سابىق پرېزىدېنتى قۇربانقۇلى بەردىمۇھاممەدوفنىڭ ئوغلى. ئۇ تۈركمەنىستان يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.
سەردار بەردىمۇھاممەدوف ئىلگىرى كېيىن بولۇپ رۇسىيە دىپلوماتىيە ئاكادېمىيەسىدە تەتقىقاتچى، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى، تۈركمەنىستان قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۈركمەنىستاننىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، 2021-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ تۈركمەنىستان مىنىستىر كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە 2022-يىلى 14-فېۋرالدا ئۇ «تۈركمەنىستان دېموكراتچىلار» پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن پرېزېدىنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
More Stories
ئۆزبەكستان پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇنىڭ كىتاۋىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمسنى سوۋغات قىلدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ختاي غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ.