نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاندى

ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 1-دېكابىر

ئامىنە سەدەف

11_ ئاينىڭ 28_ كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان ئالپەرەن ئوجاكلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى قۇرۇلتاي ئەزالىرىدىن ئىمزا توپلىدى.

ئالپەرەن ئوجاكلىرى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە تەۋە بولۇپ ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا سالام يوللىدى .
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان لاگېر قۇربانى يېقىنى مەدىنە نازىمى خانىم  قۇرۇلتايغا قاتناشقانلارنىڭ ئىمزا توپلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىمزانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.