نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختتاي «يەكەن،چاقىلىق، كېرىيە، تۇمشۇق» قاتارلىق تۆت جايغا يېڭى ئايرۇدۇرۇم سالغان، مەقسەت ختتاي كۆچمەنلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆچۈرۈش!

ختتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستاننىڭ تۆت ناھىيە شەھىرىگە يېڭى تۆت ئايرۇدۇرۇم سالغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا، يەكەن، چاقىلىق،كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق جايلار ئىكەن.

 خىتاي دائىرىلىرى يەكەن،چاقىلىق، كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق تۆت جايغا يېڭى ئايرودروم سالغان. مەقسەت خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆچۈرۈش!

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاۋغۇست

خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ تۆت ناھىيە شەھىرىگە يېڭى تۆت ئايرودروم سالغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا، يەكەن، چاقىلىق،كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق جايلار ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 22 دانە پۇقراۋى ئايرودروم قۇرغان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى يىپەك قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە « ھاۋا يىپەك يولى» دەپ ئاتىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان پىلانىدا 2030-يىلىغىچە جەمئىي ئايرودروم سانىنى 37 گە كۆپەيتىش ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلمۇرات ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: « خىتاينىڭ بۇنچە كۆپ مەبلەغ سىلىشى ۋەتىنىمىزگە بولغان مۇستەملىكىسىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە يەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.»

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.