نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

لىرانىڭ پاخاللىشىشى 26 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە

ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆستى ، بۇ لىرانىڭ كۇرسى چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-10-10

 

ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆستى ، بۇ لىرانىڭ كۇرسى چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

7.95 لىرا بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى ،ھازىر لىرانىڭ دوللارغا بولغان قىممىتى تۈركىيەنىڭ 26 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالىتىدۇر ، ھەتتا 1994-يىلدىكىگە قارىغاندا تۆۋەن. (مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە).

 

بۇگۇن بىر دوستۇم مەندىن< لىرا 8 ياكى 9 گە چۈشۈپقالامدۇ دەپ سوردى ؟

 

ئەمەلىيەتتە ، نۇقتا قانچىلىك تۆۋەنلىتىش ئەمەس ، بەلكى بۇ چۇشۇشنىڭ قاچان توختىشىدا .

 

تۈركىيە پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ، پېرېۋوت نىسبىتى توغرىسىدا ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغان بىر سۆز بار: ئۇ سودا بازىرىدا پەيدا بولغان سان بولسىلا ، بازاردا قانچىلىك ۋاقىت تۇرالىشىدىن قەتئىينەزەر ، بىر سېكۇنت بولسىمۇ ؛ سودا مىقدارى قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاز بولسىمۇ ، بۇ سان چوقۇم نورمال ھالەتكە ئايلىنىدۇ. 

 

ھازىرقى پېرېۋوت نىسبىتىنى ئوخشىتىش دەپ قاراڭ.  يەنى: بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىدوللار  7.70 لىرر ئىدى ، ھازىر بۇ سان دائىملىق پېرېۋوت نىسبىتىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى 7.95 بولسا دوللارنىڭ چوققا ئالىتى . بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ تەۋرىنىدۇ ۋە ئۆزگىرىدۇ ، بەلكىم 8.05 كە ئوخشاش يېڭى يۇقىرى نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن ، 7.95 نورمال ھالەتكە ئايلىنىدۇ .

 

تۈركىيەدە لىرا ئەزەلدىن ئ‍ۆرلەپ  باقمىغانمۇ ؟

 

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. لىرامۇ ئەرلىگەن قىممىتىنى ئاشۇرغان . ئون يىل ئىلگىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» دە ، نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇنلىرنى  لىراغا ئالماشتۇرغان .

 

ئەردوغان ھاكىمىيەت دۆلەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن ، لىرا ئۇزۇن يىللار قىممىتى تۆۋەنلەپ ، تۇيۇقسىز ئ‍ۆسۇشكە باشلىغان  ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشقا ئىشنەلمەيقالغان ئىدى. لىرانىڭ ئۆرلەشگە كۆنگەندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەر پۇل پاخاللىقى يۈزلىنىشىگە كۆنەلمىدى. قەرز ئالغاندىمۇ ، بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا تۆۋەن ئۆسۈم سەۋەبىدىن دوللار قەرزئىلىشنى تاللىغان ؛ پۇل ئامانەت قويغاندا ، يۇقىرى ئۆسۈم سەۋەبىدىن لىرا ئىشلىتىشنى تاللىغان .

 

تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان < يېڭى ئىقتىسادىي پىلان > دىكى ئۈچ يىللىق پېرېۋوت نىسبىتى:

 

 دوللار –  لىرا 

 

2021 يىلى : 7.68  

 

 2022 يىلى : 7.88

 

  2023 يىلى : 8.02

 

بۇ سانلىق مەلۇماتلار يىللىق ئوتتۇرىچە پېرېۋوت نىسبىتى بولۇپ ، كۆرگىنىڭىزدەك ، بۇ پىلان ئىلان قىلىنغىنىغا پەقەت بىر ھەپتەلا بولغان ئىدى ، مانا ئەمدىلىكتە ئىككى يىل ئىچىدىكى نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن «تاماملانغان». 2023-يىلدىكى نىشانمۇ بىر نەچچە مىنۇتلۇق مەسىلە.

 

كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىكى كەسپىي ئورگانلارنىڭ باھالاش دوكلاتى.

 

ئامېرىكىدىكى JPMorgan Chase تۈرك لىرا مۆلچەر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر بايدىن سايلامدا غەلبە قىلسا ، لىرا يىمىرىلىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاممىۋى سىياسىتى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ، لىۋىيە ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەردە قوللانغان كەسكىن قىلمىشلىرىنى يوقىتىش ؛ ئەگەر ترامپ غەلىبە قىلسا ، لىراغا پايدىلىق بولىدۇ. نۇرغۇن تۈرك ئىقتىسادشۇناسلىرى كۆپچىلىكنىڭ تىرامپقا تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

 

گېرمانىيەنىڭ DZ BANK بانكىسىنىڭ تۈرك لىراغا بولغان مۆلچەرى شۇكى ، لىرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ.

 

بۇ بانكىنىڭ مالىيە ئانالىز مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېگەن : تۈركىيە لىرا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا راندىنىڭ يۈزلىنىشى ئالاھىدە ماس قەدەمدە ، چۈنكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 2006-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان يۈزلىنىش ئاساسەن ماس قەدەمدە ، ئەمما 2016-يىلدىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت پۇل مۇئامىلە يۈزلىنىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان. جەنۇبىي ئافرىقا راندى% 18.3 ، تۈرك لىرا ئوخشاش مەزگىلدە% 60.2 تۆۋەنلىگەن. ئوچۇق قىلىپ ئىيىتقاندا ، بۈگۈنكى كۈندە بىر لىرا  4 يىل ئىلگىرىكى 0.4 لىراغا  باراۋەر.

 

بۇ تەھلىلچىنىڭ ئىسمى سورېن خېتتلېر بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، تۈركيىە ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق بولىشدىكى سەۋەپ پۈتۈنلەي سىياسىي مەسىلىلەر بولۇپ  ،  يەنى ئىقتىسادىي سەۋەپ  ئەمەس ، چۈنكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۈركىيەدەك ياخشى ئەمەس. بۇ يىلقى يۇقۇم ئەھۋالىنى تىلغا ئالساق ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۈركىيەدىن ياخشى ئەمەس.

 

ئۇنداقتا قانداق ئەھۋالدا لىرا نىڭ قىممىتى ئۆسۇدۇ ؟ تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە ، بىرىنچىسى تۈركىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش. ھازىرقى سىستېمىدا ، بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق.

 

( يەرلىك كىشىلەر لىرامۇئاش ئالىدۇ ، ئوخشاش يەنە لىرا خەجلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يەرلىكلەرگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ) . بۇ مالىيە مىنىستىرىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئېيتقان سۆزى: تۈرك خەلقىنىڭ  ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟

 

قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقدەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، بىر ئاز ئويلانسىڭىز ، بۇنىڭ تىل ئويۇنى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز. .

 

يەنى مال باھاسىنىڭ دوللاربىلەن ئوخشاش ھالەتتە ئۆسۈشى.

 

مەن تۈركىيەدە  بىر ئائىلىنىڭ ھەركۈنلۈك ئاددىغىنە ناشتىلقىىڭ ھىسابىنى چىقىرىپ بېرەي:

 

3تال پەمىدۇر : ( 1لىرا )  

 

 3 تال تەرخەمەك : ( 0.75 لىرا )

 

 100  گرام چاي : ( 4.25 لىرا )

 

6 تال تۇخۇم  : ( 5 لىرا )

 

 100 گرام زەيتۇن : ( 1.25 لىرا )

 

200 گىرام پەينىر : ( 7.25 لىرا )

 

 سۈت : ( 8.25 لىرا)

 

 ۋە 4 نان (ئەكمەك). ( 5.4 لىرا) 

 

جەمى : 33.15 لىرا . 

 

كۈنىگە 33 لىرا ، ئايدا 1000 لىرا. تۈركىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى باجدىن كېيىن ئاران 2325 لىرا.

 

كۆك ياقىلىق ئىشچىنىڭ ئايلىق مائاشى 3000 لىرا ئەتراپىدا. بۇلارنى قۇيۇپ تۇرلى ،  ھازىر ھەتتا 6-7000 لىرا مائاشىلىق ئاق ياقىلىقلارغىمۇ ئاسان ئەمەس .

 

بۇ ناشتىلىق باھاسىدىن بازاردىكى نەرسىلەرنىڭ  باھاسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى بىلەلەيسىز. تاللا بازارلىرىدىكى باھا بەلگىسى ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۆزگىرىدۇ. تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان پۇل پاخاللىقى نىسبىتى% 12 ، ئەمماھازىر بازاردىكى  ھالەت % 35 ئەتراپىدا………

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.