نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

فەيسبۇك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ پارلامېنتنىڭ سورىقىنى قۇبۇل قىلدى

فەيسبۇك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ پارلامېنتنىڭ سورىقىنى قۇبۇل قىلدى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت تېغىدا، فەيسبۇك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ (ئوتتۇرىدا) ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىسى تور سۇپىسى فەيسبۇك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ 10-ئاپرىل ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە پارلامېنتنىڭ سورىقىنى قۇبۇل قىلدى. زاكىر بىرگ ئىككى كۈنگە سوزۇلغان ئ‍سپات ئاڭلاش يېغىنىدا ،پارلامنىت ئەزالىرىنىڭ كەسكىن سۇئاللىرىغا دۇچ كەلدى، ئون نەچچە سائەتلەپ داۋاملاشقان  يېىغىندا،زاكىر بېرگ تەمكىنلىكنى ساقلىدى،شۇنداقلا ئ‍شلەتكۇچىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشقا دائىر ھەر قانداق قائىدە-تۇزۇملەرگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى. كۆزەتكۇچىلەرنىڭ دېيىشچە،فايس بۇكقا ئوخشاش،سانلىق مەلۇمات سېتىش ۋە ئ‍شلەتكۇچىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلغان ئىلانلارنى ئاساس قىلىپ جان باقىدىغان شركەتنىڭ سودا ئەندىزىسگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقى بىر مەسلە.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.