““ئۇيغۇر ھەرىكىتى““ نىڭ ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم بولدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22- ئىيۇن
ئامىنە ۋايىت / سەدەف
ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئاكتىۋىتىسلەرنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى 18_ئىيۇن ئاخىرلىشىپ ، كۇرسانتلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلدى . شۇنداقلا 19_ئىيۇن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا“
DoubleTree by Hilton“ مېھمانخانىسىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم بولۇپ ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلاشما دەرنىكى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ، لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم تەشكىلاتسىز ئاكتىۋىتىسلەر قاتناشتى .

يىغىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ ، ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئۇقۇلدى. ۋە ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارقا_ ئارقىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى . بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى توردىن قاتنىشىپ سۆز قىلدى .