نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

قارا باغ ئۇرۇشدا ئۆلگەنلەر 1000دىن ئاشتى

ناگورنو-قاراباغدا ھەربىي توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئايرىلىش رايونىدىكى ئەمەلىي ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەر ئىككى دۆلەت ئارمىيسى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ئەھۋاللار كۆرۇلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى ئ‍ۆز پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان دەپ ئەيىپلىمەكتە.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ۋاشنگىتون،8-نويابىر

 

ناگورنو-قاراباغدا ھەربىي توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئايرىلىش رايونىدىكى ئەمەلىي ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەر ئىككى دۆلەت ئارمىيسى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ئەھۋاللار كۆرۇلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى ئ‍ۆز پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان دەپ ئەيىپلىمەكتە.

 

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئەرمەنىستان كۈچلىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

 

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 6-نويابىر ئەتىگەندە ، ئەرمېنىيە ئارمىيىسى تارتار شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خانكېندىدىكى ئەرمېنىيە مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ مۇخبىرى بۇ شەھەردە ئۈچ پۇقرانىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

 

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ راكېتا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئۈچ پۇقرا قازا قىلغان.

 

ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئەزەربەيجان ئارمىيىسى پايتەخت ناگورنو-قاراباغنىڭ پايتەختى خانكاندى (ستېپاناكېرت) ۋە 10 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى شۇشا شەھىرىنى نىشانلىغان.

 

ناگورنو-قاراباغ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 1994-يىلدىن باشلاپ ، بۇ رايون ئەرمىنىيە قوللىغان بۆلگۈنچى ئەرمەنلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەنىدى.

 

27-سېنتەبىردىن باشلاپ ناگورنو-قاراباغدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.