نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئانتونى بىلىنكىننىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا قارشلىق بىلدۈردى.

28- يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىننىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- يانۋار

 

28- يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسرلىكى باياناتچىسى جاۋ  لىجىيەن يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىننىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مەن بۇ قارارىمدا چىڭ تۇرىمەن.» دېگەن سۆزىگە قارشى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا يالغان-ياۋىداقلارنى توختىتىشى كېرەك، شنجاڭدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئ‍ۇلار ئۆزى ئەڭ ياخشى باھا بېرىدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشى كېرەك، ئۇ يەردە قىرغىنچىلىق دەپ گەپ يوق، سۆز تامام.» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.