دىئابېت بىمارلىرى بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق ئاچقۇچى
ىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، سېمىزلەر ھېچ بولمىغاندا تەن ئېغىرلىقىنىڭ %5~%10 ىنى ئازايتىشى كېرەك.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كاۋىنىڭ GI ئۆلچىمى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇڭا دىئابېت بىمارلىرىنىڭ كاۋىنى «پايدا قىلىدۇ» دەپ كۆپ يەۋېلىشى ئەكسىچە پايدىسىزدۇر. مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، مېۋە يېلىمى قاتارلىقلار مول، يەنە يېمەكلىك تالاسى ۋە تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. مېۋە يەنە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. لېكىن ئۇنىڭ مېۋە شېكىرى بىلەن گلۇكوزا تەركىبى بار بولۇپ، بەزى دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەتتا سوراشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېۋە تەركىبىدىكى قەنتنى كۆپ مىقداردىكى سۇ تەركىبى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇز بىلەن ئارىلىشىپ، يەنە يېمەكلىك تالاسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغاچقا، زىچلىقى ساپ شېكەردىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا قان قەنتىنى بىر قەدەر مۇقىم كونترول قىلىۋاتقان دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا تامامەن بولىدۇ، پەقەت تاماقتىن كېيىنكى مېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى بىر كۈن ئىچىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولدى. 

يۇقىرىدىكى تەكلىپ ئىنتايىن بىۋاسىتە بولۇپ، ئىگىلەشكە ئاسان. لېكىن كۆپچىلىكنىڭ پەقەت بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تور توپىنىلا ئەستە تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، يەنە ئالدىدىكى مىقدار سۆزلەرنىمۇ ئەستە تۇتۇشى كېرەك. يەنى «ئېشىپ كەتمەسلىك»، «كاپالەتلىك قىلىش»، «باراۋەر» ۋە «كەم» قاتارلىقلار. پەقەت بۇ پىرىنسىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈكمەنىسىنى ئىگەللىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ساغلام تاماق قۇرۇلمىسى ۋە مىقدارىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيا راك كېسىلى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق، بەدەندىكى ھەرىكەت ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپى: 1. مۇۋاپىق بولغان دائىرىدە، ئىلاجنىڭ بېرىچە ئورۇقلاش (BMI قىممىتىنى 21~23 ئىچىدە كونترول قىلىش)؛ 2. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ئوتتۇراھال (مەسىلەن تېز مېڭىش) ھەرىكەت ئىشلەش. 3. يۇقىرى ئېنىرگىيە زىچلىقىدىكى يېمەكلىكلەرنى چەكلەش، قەنت مىقدارى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىچمەسلىك؛ 4. ھەركۈنى كەم دېگەندە بەش خىل مېۋە ۋە كۆكتات ئىستىمال قىلىش؛ 5. قىزىل گۆش ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش؛ 6. ھاراق ئىچىشتە ئەرلەرنىڭ ئىككى كىشىلىك، ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك (بىر كىشىلىك ھاراقتىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى تەخمىنەن 10~15 گىرام)؛ 7. ھەركۈنلىك تۇز مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك؛ 8. يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش، يېمەكلىك تولۇقلاش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلماسلىق.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھاراق ئىچىش مىقدارىنى نورمال ھاراققا ئالماشتۇرغاندا، 60 گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق بولسا 40 مىللىلېتىر، 13 گىرادۇسلۇق قىزىل ھاراق 150 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاياللار مۇشۇ ئۆلچەمنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىۋېتىشى كېرەك. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئىچىدە، مۇھىت ئامىلى ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، بۇ يەنە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ؛ سېمىزلىك بەلكىم كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.