نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تۈركىيە – خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

تۈركىيە - خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

يۇلغۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست

بۈگۈن تامغا تۈرك گېزىتى مۇخبىرى قۇتلامىش ئېشېك ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتېر ھېسابىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەپتىش ۋە بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ 2020- يىلى 23- مارتتا تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى (تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىسى) غا ئەۋەتكەن  GIGY/2020- 31203756 نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستىخبارات ئورگىنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدار ۋە خادىملارنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالغان. 

ھۆججەت مەخپىي ھۆججەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ھۆججەتكە «مەخپىي» دەپ ئەسكەرتىش يېزىلغان. ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن :
 “ تۈركىيە – خىتاي ھەيئەتلىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان ئورتاق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا مېخانىزمى خىزمىتى دائىرىسىدە ئابدۇقادىر ياپچان، ئەنۋەر تۇردى ۋە ئەلى ئابلەت ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن تولۇقلىغۇچى ماتېرىياللار خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، بىرلىكتە ئەۋەتىلدى. قوشۇپ ئەۋەتىلگەن خىتاي ئەلچىخانىسى نوتىسىدا ئىدرىس ھەسەن، ئەنۋەر تۇردى، ئابدۇلخەۋەر جېلىل، نەسرۇللا مەمەت، ئابدۇرېھىم مەمەت، ئەلى ئابلەت ۋە مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكەرىم ئىسىملىك كىشىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. 
    ھۆرمەت بىلەن
    مەسئۇت كوچ ”

ئۇ يەنە تىۋىتېر ھېسابىدا خىتاي ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ ئەنۋەر تۇردى ھەققىدىكى ئەيىبنامىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلان قىلغان

مەنبە:

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.