ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتى (1) (ئۇيغۇر روھى 11- سان)
ئۇيغۇر تور جەمئىيتى بىزنىڭ ئاساسلىق ئالاقە سەھنىمىز بولۇپ قالدى.ئەمما تورلاردىكى ئاپەت خاراكتىرلىك زىيانلىق ئىغۋا،تۆھمەت،جىدەل ،پاسسپ مەزمۇنلار سەۋەبلىك،مۇھاجىرەت ھاياتىمىز مەنىسز، تېخىمۇ ھەسرەتلىك بولماقتا،مىللى ھەرىكىتىمىزگە تېخىمۇ زىيانلىق بولماقتا.تورنى جەمئىيتنى ئسلاھ قىلساق ، ئىلغارلىق، مەدەنىيەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئىجادىيلىق تارقاتساق،ئۆزىمىزنىڭ روھىىيتىگە،پەرزەنىتلىرىمىزگە،مىللى ھەرىكىتىمىز ۋە ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ.

- ئۆز-ئارا سەمىمىيەتنى ھەر ئشنىڭ ئالدىغا قويۇش؛
مىللىي ھەرىكەتنى چولپان بولۇش، پۇل تېپىش، قساس ئىلىش، تەرەپبازلىق ئويۇنى قىلىۋالماسلىق؛ - ھەر ئشتا تەكشۈرۈش، پاكىتنى ئاساس قىلىش؛
ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسگە ئىشەنمەسلىك، تارقىتىشتىن بۇرۇن ئويلىنىش كېرەك.
تۈرلۈك ئىغۋاگەرلىككە ياتىدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغاندا، چوقۇم مەنبەسىنى، دېگۇچىنىڭ مەقسدىنى ئېنىقلاش. - ھەربىر سۆزۈمىزگە مەسئۇل بولۇش؛
تەشكىلاتلار، شەخسلەر، مىللىي رەھبەرلەر ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىمىزگە چوقۇم ئېگە بولۇشىمىز كېرەك. ئاممىۋى سۆزلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، تەسىرى ھەققىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك. - ئاممىنى ساختا ھاياجانلاندۇرۇشتىن ساقلىنىش؛
قۇرۇق، مۇبالىغە، قىزىقارلىق، ھەجىۋى مەزمۇنلار بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ھەقىقى مۇھىم مەسلىدىن قايدۇرماسلىق، ئۇلارنى قۇرۇق ئۈمىدلەندۇرۇپ، ئاخىرىدا ھىچقانداق ئشقا قىزىقمايدىغان ھالەتكە قالدۇرماسلىق. - تەشكىلاتنىڭ ئەمەس، مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش؛
مىللىي مەنپەئەت ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، تەشكىلات مەنپەئىتىنى، ئابرويىنى مىللىي مەنپەئەت ئالدىغا قويۇۋالماسلىق كېرەك. - ھەر بىر ئۇيغۇر بىردىن ئەمەلىي ماھارەت ئۆگىنىش؛
ۋەتەن ھۆرلۈكى، ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن چوقۇم ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن ئەمەلىي ئش كېلىشى كېرەك. قۇرۇق مۇنازىرە، ئويۇن – تاماشا،جېدەل – ماجىرا بىلەن مىللىي مەسلىمىز ھەل بولمايدۇ.