نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

دوپپا

ئامىنە سەدەف 2021- يىلى 5- ماي

ئامىنە سەدەف
2021- يىلى 5- ماي

 

ھەر رەڭگىگە پۈتۈلگەن
پاجىئەلىك بىر قىسمەت،
ياكى باردۇر گۈللىرىدە
سېھىرلىك بىر مۇھەببەت.
ھەر خىلىغا مۇجەسسەم
تارىختىكى رىۋايەت،
بادام دوپپا،
چىمەن دوپپا‌،
گۈل دوپپا …
گۈل قوللاردىن كەشتىلەنگەن ئۇز دوپپا،
شان – شەرىپىڭ، ئىززىتىڭنى يوقاتتۇق،
بۈگۈن سەنمۇ بىزگە ئوخشاش خار دوپپا.
دوپپا تىككەن قوللار بۈگۈن باغلاقتا،
دوپپا كىيگەن باشلار كەتتى قاياققا؟
سەن بىلەن تەڭ يوقاتتۇق بىز ئۆزلۈكنى،
تەمتىرەشتە يۈرۈيمىز بىز ھەر ياقتا …

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.