نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئ‍امېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلۇشىۋاتقانلىقىغا قارىتا خىتاينىڭ ئىنكاسى

سۇئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكىمىتى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان)دىكى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئ‍ويلۇشىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئ‍ىنكاسى قانداق؟ جاۋاپ: خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان) ۋە دىنغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشىغا ئىزچىل قەتئىي قارشى.

ئ‍امېرىكا شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان)دىكى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ئېلىپ بارغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلۇشىۋېتىپتۇ؟ خىتاينىڭ ئىنكاسى

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەنزىل

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

  سۇئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكىمىتى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان)دىكى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئ‍ويلۇشىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئ‍ىنكاسى قانداق؟ جاۋاپ: خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان) ۋە دىنغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشىغا ئىزچىل قەتئىي قارشى. خىتاي ھۆكىمىتى پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھىرلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەمىلىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى، ئاغمىچىلىقنى قويۇپ، خىتاي – ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ئ‍ۆزارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشىغا زىيانلىق سۆز-ھەركەتلەردە بولۇشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسىلى مەنبە: 2018- يىلى 9-ئاينىڭ 12- كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دوكلاتى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.