ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 18- ماي
تارىم
18- ماي، بىلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ۋە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا كۆپلىگەن پارتىيە لېدىرلىرى ۋە قىممەتلىك مىھمانلار قاتناشقان. لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھلىقى يىغىنغا قاتناشقانلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. قەلبىنۇر خانىمغا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئەكبەرجان تەرجىمانلىق قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلگىيە ۋەكىلى كۇنسىتوپ ئەپەندى ۋە بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋەنىسسا خانىملار خىتايپەرەس ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاشلىرىغا پاكىت بىلەن كەسكىن رەددىيە قايتۇرغان.
بۇ گۇۋاھلىق سۆھبىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان بىلگىيە ئىكولو پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ياش ۋەكىلى سەمۇئىل كوگولاتى، شۇنداقلا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
More Stories
ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئاساسنى قوبۇل قىلدى
خەت: بىز لېيبور پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق
2024-يىلى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 15 كە چۈشۈپ قالدى