نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خۇاۋېي: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قاتتىق چەكلەش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولدى

15- سىنتەبىردىكى ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كەلدى، ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ سودا قاناللىرى ئارقىلىق توك ئۆزەككە ئېرىشىش ئىقتىدارىنى چەبدەسلىك بىلەن كېسىپ تاشلىدى.

BBC خەۋىرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 15- سىنتەبىر
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇرئاگېنتلىقى

2020- يىلى 18- سىنتەبىر

 

15- سىنتەبىردىكى ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كەلدى، ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ سودا قاناللىرى ئارقىلىق توك ئۆزەككە ئېرىشىش ئىقتىدارىنى چەبدەسلىك بىلەن كېسىپ تاشلىدى.

 

خىتاينىڭ بۇ پەن-تېخنىكا ماگناتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر كۈن شەك-شۈبھىسىزكى قاراڭغۇ بىر كۈن بولدى. يان تېلېفون، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن تارتىپ، مۇلازىمېتىرغىچە، ھەتتا ھەر خىل ئىنتېرنېت ئۈسكۈنىلىرىگىچە بولغان خۇاۋېي تۇغى ئاستىدىكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزەككە تايىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەس. قاتتىق دېتالنى ئاساس قىلغان بىر پەن-تېخنىكا كارخانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزەك بولمىسا، مەھسۇلات بولمايدۇ؛ مەھسۇلات بولمىسا كارخانىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

 

شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، خۇاۋېي قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ يىللىق ئىككىنچى پەسىلدە، ئەقلىي تېلېفون سېتىپ چىقىرىش مىقدارى سامسۇڭنىڭكىدىن ھالقىپ، يەرشارى بويىچە سېتىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى تەختكە تۇنجى قېتىم چىققان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۈچىنچى پەسىلدە ئومۇمىي يۈزلۈك «ئۆزەك ئۈزۈلۈش» كە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئورنى تېخى ئىسسىماي تۇرۇپلا، تەخت بوشىتىشقا مەجبۇرىلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.

 

خۇاۋېيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 15- سىنتەبىر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يېپيېڭى بىر دەۋر باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتى يوشۇرۇن ھالەتتىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە يۈزلەنمەكتە.

 

مەنبە:
https://www.bbc.com/zhongwen/simp/business-54151243

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.