ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ئافراسياپ
2019-يىلى 20-سنتەبىر
18-سىنتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرىكتورى، خىتتايچە بۆلۈم ئالاقە مەسئۇلى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسئۇلى لۇئىسا خانىم ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئالى ياردەمچىسى بىلەن كۆرۇشكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۇرۇشىچە، سۆھبەت-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي تەقدىرى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرى ھەققىدە ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، پات ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىجابى خەۋەرلەرنىڭ كىلىدىغانلىقى ئىيتىلغان. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى سرتقا ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بۇ سۆھبەت قاتناشقۇچىلىرى ۋە پات ئارىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن كىلىدىغان خوش خەۋەرلەرنى ئىگەللىگەن بولۇپ، كىيىنچە رەسمىي خەۋەر قىلىدۇ. بۇ ئۇچرىشش -ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدىنتى مايىك پەنس بىلەن ئۇچراشقاندىن كىينكى يەنە بىر مۇھىم ئۇچرىششى ھسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر قەدەم ئىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
More Stories
ئۆمەر قانات دىپلومات ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىلغارلىرىنى يوقىتىش» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى
”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جازالاش قانۇن لايىھەسى“ نى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىلدى.
ئۆمەر قانات 15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان