نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر ژۇرنالست گۈلچىھرە خوجا ئەنگىلىيەدە ماگېنىتىسكى ئىنسانى ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى!

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم ئاۋازلىرىدىن بىرى،ئەركىن ئاخبارات ئاۋانگارتى،ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇخبىرى گۇلچىھرە خوجا خانىم ماگېنىتسكى ئىنسانى ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرشتى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگنېتلىقى

 

ۋاشنگىتون،2019-يىلى 14-نويابىر 

 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم ئاۋازلىرىدىن بىرى،ئەركىن ئاخبارات ئاۋانگارتى،ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇخبىرى گۇلچىھرە خوجا خانىم ماگېنىتسكى ئىنسانى ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرشتى.

 

گۈلچىھرە خانىم مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشنى يەرشارى ماگېنتىسكى ئادالەت ھەرىكىتى باشلىقى ،ھىرمىتاج فوندى قۇرغۇچىسى بىل بورد ئەپەندىنىڭ خېتى ئارقىلىق تاپشۇرۋالغان بولۇپ،مەزكۇر مۇكاپات ئىنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالسلار ئۇچۇن تارقىتىدىلىكەن.

 

مۇكاپات مۇراسىمى 14-نويابىر لوندون شەھىرىدە ئۆتكۇزۇلگەن بولۇپ،بىل بورد مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن گۇلچىھرە خانىمغا تاپشۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلىگەن.

 

گۇلچىھرە خانىم ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقىغا مونۇلارنى بىلدۇردى:مەن ئىنتايىن خوشال ھەم ئىنتايىن مۇرەككەپ ھسياتتا،بۇ مۇكاپات كاشكى بىرەر گۈزەل ئ‍ش ئۇچۇن بىرىلگەن بولسا ئىدى،…بۇ مۇكاپات پەقەت ئۇيغۇرلار ئىتنك قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراش تارىخىدىكى بىر تىركىشش ۋە بەدەلنىڭ ئ‍سپاتى..»

 

ئۇيغۇر مىللىتى تارىخى كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكىدەك پەيتتە دۇنيادىكى مۇھىم ئورگانلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئوتتۇرىغا چېقىشى،ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قوللىشى كىشنى سۆيۇندۇرىدۇ.

 

گۇلچىھرە خانىم مۇكاپات ئالماقتا

 

«بۇ مۇكاپات ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى،ئۇتۇقى ھسابلىنىدۇ،مەن بۇ مۇھىم مىنۇتلارنى ھەتتا دادامغىمۇ يەتكۇزەلمەيمەن ».

 

مۇكاپات تارقتىش مۇراسىمىغا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق تاراتقۇلار،سياسى ساھەدىكى ئەربابلارمۇ قاتناشقان.

 

بۇ يىل ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۇمى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان بولۇپ،گۇلچىھرە خانىم لوندوندا بولغانلىقى سەۋەبلىك قاتنىشالمىغان.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.