نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

بايدىننىڭ ئۇتقانلىقىنى قانۇنىيلاشتى، ترامپ ھوقۇق ئۆتكۈزۇپ بېرىشكە قوشۇلدى

6- يانۋار كەچتە دۆلەت مەجلىسدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام ئۆمىكى بېلەتلىرىنى ساناش ۋە قانۇنىيلاشتۇرۇش خىزمىتى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلدى

تۇرسۇنجان تۇراپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7-يانۋار

 

6- يانۋار كەچتە دۆلەت مەجلىسدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام ئۆمىكى بېلەتلىرىنى ساناش ۋە قانۇنىيلاشتۇرۇش خىزمىتى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلدى. مەجلىستە مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەر قايسى پارتىيە ئەزالىرى سايلام ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنازىرە قىلدى، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسگە بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسىنى ئەيىپلىدى. نەتىجىدە، جوۋ بايدىن ئۇتقۇچى بولۇپ قانۇنىيلاشتۇرۇلدى. دونالد ترامپ بۈگۈن سەھەر ئۆزىنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.