نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايتىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېلەت تاشلىدى

گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايتىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېلەت تاشلىدى

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25- فېۋرال

 

گوللاندىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېيىنكى ئۈچىنچى دۆلەت، ياۋروپا بويىچە تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.

 

گوللاندىيە باش منستىرىنىڭ كونسىرۋاتىپلار پارتىىيسى ۋ ۋى دى بۇنىڭغا قارشى بىلەت تاشلىغان بولۇپ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات بەرمەكچى بولغان. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستېف بىلوك: «ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ توغرىلىق ب د ت ياكى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن قارار ئېلان قىلىنمىدى.» دېگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇ مۇخبىرلارغا: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن. گوللاندىيە بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەكلىپ-لايىھەسىنى تەييارلىغۇچى «سولچىل D-66 پارتىيىسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى سجوئېرد خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خىزمەت ئىشلەپ، 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يىراقلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئېلېكترونلۇق خېتىدە مۇنداق دېگەن: «گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ\ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى\ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى – بۇنداق بىر قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئەمەلى ھەرىكەتكە باشلايدۇ». خىتاينىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى، چارشەنبە كۈنى: «غەرب كۈچلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى.» دەپ ئەيىبلىدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.