نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

سېرىلانكىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 207 ئادەم ئۆلدى

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2019-يىلى 21-ئاپرىل

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: مەنزىل

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . سېرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ قېتىملىق زەنجىرسىمان پارتلاشتا 207 ئادەم ئۆلۈپ 450 ئادەم يارلانغان. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 27 چەتئەللىك بار ئىكەن، يارلانغانلاردىن 4 خىتاي پۇقراسى بارلىقى دەلىللەنگەن . ھازىرغىچە 7 نەپەر گۇمانلىق كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ ،ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە تەپسىلاتى قاتتىق تەكشۈرلۈش باسقۇچىدا .

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.