ئەردەم
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 31- ئۆكتەبىر
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31 – ئۆكتەبىردىكى سانىدا دېيىلىشىچە، «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر» يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
خەۋەردە يىزىلىشىچە: «2016- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز 4 مىليون 719 مىڭ 600 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان».
«2018- يىلىدىن 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، جەمئىي 660 مىڭ 400 ئادەم قېتىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 554 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن.» «2018- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن جەمئىي 21ى، ماھارەت ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن 35ى قۇرۇلدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بارغانسېرى كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچى ماھارىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بولدى».
خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن قانۇنسىز زاۋۇت-كارخانىلارغا ئۇيغۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتتاي ئۆلكىلىرىگە ئۈزلۈكسىز يۆتكەۋاتقانلىقى ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن پاش بولماقتا.
مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
http://uy.xjdaily.com.cn/system/2020/10/31/036486665.shtml
More Stories
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى
سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇرچە «سالام ئەليۇرت» ناخشىسىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان
چىرايلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى توغرىسىدىكى نەق مەيدان ۋىدېئو كۆرۈنۈشى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.