نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

شەرقى تۈركىستان مىللي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندى بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۈرۈشتى.

5-ئاينىڭ 24- چىسلا بۈگۈن شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى، ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر باشلىقى جۇمھۇر ئىتىپاقى نامزاتى ھۆرمەتلىك بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىم بىلەن كۈرۈشتى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-24

 

5-ئاينىڭ 24- چىسلا بۈگۈن شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى، ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر باشلىقى جۇمھۇر ئىتىپاقى نامزاتى ھۆرمەتلىك بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىم بىلەن كۈرۈشتى.

سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم بىر قانچە تۈركىي قەۋىملەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان يىغىندا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئىنسان چىقىدىغۇسىز دەرىجىدىكى زۇلۇملار ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتورغا قويغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ساغلاملىق، ئىقامەت، ۋەتەنداشلىق ھەققىدىكى قىيىنچىلىقىرى شۇنداقلا سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلارغا ساھىپ چىقىش ھەققىدە جىددى تەلەپلىرىنى بىلدۈرگەن.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.