سەدەف
بىر بەدەل كېرەك
بىر ئۈمىتمۇ ھەم
ۋەتەن ۋەسلىگە يېتىشكە
ئۇۋىسىغا قايىتقان قۇشلار كەبى
قاتارقاتار ئۇچۇپ ئانا تۇپراقنىڭ باغرىغا ئۈزىمىزنى ئېتىشقا. كونسۇل كۇچىسىنىڭ ئەشكەن لەغمەنلىرى بۇلاق بېشىنىڭ قاينام تاشقىن بازارلىرى
دۆڭكۆرۈكنىڭ قەدىمىي رەستىلىرى
جەنۇبى باغچىنىڭ گۈزەللىكىنى
تاماشا قىلىشقا
كېرەك بىر ئۈمىد
بىر سەۋدا
بىر بەدەل.
ئاھ ھېيتگاھ، شانلىق تارىخ ئىزناسى،
ئۆستەڭ بۇيى، ئوردا ئالدى،
جانان كوچا، چاسا، ياۋاغ سەيناسى،
دولقۇنلىغان قىزىل، تۈمەن دەرياسى،
زەپمۇ گۈزەل شەرقى كۆلنىڭ مەنزىرسى،
كەزمەك ئۈچۈن، قانماق ئۈچۈن
بىر بەدەل كېرەك.
ئىلى دەريا، سايرام، قاناس، ناراتنى
كۆنچى دەريا، باش ئەگىمنى، قايدۇنى
مول _ھۇسۇللۇق، غازىيانە ئاقسۇنى
كۆرمەك ئۈچۈن
باغرىغا باغرىمىزنى ياقماق ئۈچۈن
بىر ئۈمىت، بىر بەدەل كېرەك.
پەرھات كەبى باتۇرلۇق،
يۈسۈپ كەبى سەبىر ،
مەجنۇن كەبى ئاشىقلىق كېرەك
ۋەتەن ۋەسلىگە يىتىشكە.
More Stories
كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمىز؟
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق ھەققىدە
ئۆمەر قانات 15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان