نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خىتاي بىلەن ئىران 25 يىللىق كېلىشىم ئىمزالىدى

ئىران ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىللىق جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن 25 يىللىق كېلىشىم ئىمزالىدى .

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29 مارت

 

ئىران ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىللىق جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن 25 يىللىق كېلىشىم ئىمزالىدى .

 

گەرچە بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي تەپسىلاتلار تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە خىتاي زور مەبلەغ سالغان ئەتراپلىق «ئىستراتېگىيىلىك كېلىشىم» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

 

كېلىشىمدە ئېنېرگىيە، نېفىت – خىمىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تارتىپ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ھەربىي ساھەگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئىراننىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ – بىر يول» تەشەببۇسىدىكى رولىنى قوللاش قاتارلىق دېڭىز – ئوكيان تۈرلىرى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي 400 مىليارد دوللارلىق ئىران كېلىشىمى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن .

 

خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم نېفىت بەدىلىگە خىتاي 25 يىل ئىرانغا مەبلەغ سالىدۇ، بۇ ئىراننىڭ خەلقئارادىكى يالغۇزلىقىنى پەس كويغا چۈشۈرۈشى مۇمكىن.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.