ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-يىلى 20 -سىنتەبىر
ۋاشنگىتون، ئافراسياپ
19-ستىنەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىم ئۆزىنىڭ تېۋتتىر ھساۋاتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە،مىنىڭ قەدىرلىك دوستۇم، لىدىر ۋە يىتەكچى رابىيە قادىرنى قارشى ئىلىپ، ئۇنىڭ ئىز-دىرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن».
نەنسى پىلوسى يەنە رابىيە قادىر بىلەن سەمىمىي تەبەسسۇم قىلىۋاتقان سۇرەتنى ھەمبەھىرلىگەن.نەنسى پىلوسىنىڭ تېۋىتتىر ھساۋاتىغا 2 مىلىيون 800 كىشى ئەگىشىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكى ئامېرىكا ۋە دۇنياسنىڭ سياسەت، ئېقتساد، ئىلىم ساھەسدىكى تاللانغان كىشلەردىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۇچۇن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولغان.

More Stories
تەرجىمە: ئاۋىستىرالىيەلىك ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەك چتېشلىقى سەۋەبىدىن كمارتنى سوتقا ئەرز قىلدى
ۋەتەندىن چىقىۋاتقان ۋىدېئولار ھەققىدە قىسقا پىكىرلەر
(ئىنگىلىزچە ۋىدىئو)تۈرك زىيارەتچىنىڭ ۋەتىنىمىزدە كۆرگەنلىرى