ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-مارت
118-نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى» 23-مارت كۈنى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
مەزكۇر يېغىندا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار:
لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق
تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنىز
ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل
ئامېرىكا يەھۇدىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ،قىرغىنچىلىقنى ئالدىنى ئىلىش مەركىزى دىرېكتورى: نائومى كىكولەر