ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى28-دېكابىر
كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو 25-دېكابىر كانادادىكى يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:« غەرب دۆلەتلىرى ئۆز -ئارا ئىزچىل رىقابەتلىشىپ كەلدى، ئەمما خىتاي ھىيلە نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ خەلقئارا ئوچۇق بازاردا بىزنى رىقابەتلىشىشكە سېلىۋاتىدۇ. بىز (غەرب دۆلەتلىرىنى دېمەكچى) تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىپ پۇت تىرەپ تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ھېچقانداق بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىن قول تىقىپ بىزنى ئايرېۋېتەلمەيدۇ».
ئۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆز -ئارا رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا سودىدىكى پايدىسىنى شەك قىلىپ تۇرۇپ مەقسەتلىك زىددىيەت تېپىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن، ھەمدە غەربنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئارمان تەييارلىغان
More Stories
كانادا ئۇيغۇرلىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىدى
تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مېھرىبان ئانا مەكتىپى پروگرامما دىرېكتورى ئىرادە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى يارمەنكىسىنى تونۇشتۇردى