قازاقىستان: سابىق پرېزىدېنت نازاربايېفقا «مىللىي داھىي» دېگەن نامنى بەرگەن قانۇن كۈچتىن قالدى
يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى18-فېۋرال
قازاقىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت توقايېف 15-چېسلا بۇيرۇق ئىمزالاپ، سابىق پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفقا «مىللىي داھىي» دەپ نام بەرگەن قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن نازاربايېفنىڭ ئىلگىرى بەھرىلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار: دۆلەت تەرىپىدىن تەقسىم قىلىنغان خىزمەتچى خادىملىرىنى ئىشلىتىش، ئايرىم ئىشخانىسى بولۇش، دۆلەتلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئىدارىسى خادىملىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار ئىمتىيازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قازاقىستان يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنتقا نۆۋەتتە پەقەتلا زۆرۈر تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن سەپلەنگەن بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر داچا ئىشلىتىشكە بېرىلگەندىن سىرت ئاز ساندىكى شەخسىي قوغدىغۇچى ۋە شوپۇرلار تەقسىم قىلىنغان.
More Stories
ئۆزبەكستان پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇنىڭ كىتاۋىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمسنى سوۋغات قىلدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ختاي غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ.