پولشا پرېزىدېنتى: بومبا تاسادىپىيلىقتىن تەۋەلىكىمىزگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-نويابىر
16-نويابىر پولشا پرېزىدېنتى ئاندىرېي دۇدا (Andrzej Duda) بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « بۇ ۋەقەدە، ھازىرغىچە مەقسەتلىك ھالدا پولشاغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇچراتمىدۇق. بۇنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن S-300 تىپلىق بومبا ئىكەنلىكى ئېھتىماللىققا يېقىن، ئەمما رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ بومبىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق. ھازىرغىچە تېپىلغان يىپ ئۇچىلىرىدىن شۇنى دەلىللەشكە بولىدۇكى، بۇ بىر ھاۋا مۇداپىئە راكېتا بومبىسى،پەقەت ئېھتىياتسىزلىقتىن پولشا تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەن.»
ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «بىر ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇپ تۇرىمىز. مەن قايتا تەكىتلەيمەنكى: بىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوق. پولشانىڭ شەرقىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكىمىزدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»