تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»گە: كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
ئۇيغۇر مۇخبىر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-ئۆكتەبىر
خىتاي كومپارتىيەسى 16-ئۆكتەبىر كۈنى بېجىڭدا 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى باشلىدى، بۇ قۇرۇلتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مەزكۇر قۇرۇلتاينى نەق مەيدان تارقىتىۋاتقان ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى( ئۇيغۇر تايمىز»)قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننىڭ سۆزلىرى مەخسۇس خەۋەر قىلىندى، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى كومپارتىيە قۇرۇلتىيىنى تەنقىد قىلدى، ئۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىشەنچلىك ۋەكىللىك سالاھىيىتى يوق» دېدى.
ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تايمىز (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى)قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن يەنە مۇنداق دېدى:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۆتكەن 70 يىللىق تەجرىبىمىزدىن شۇنى بىلىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا سەھنە بەرگەندە،ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ».
More Stories
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق ھەققىدە
تاشقى مۇناسىۋەت ژۇرنىلىدا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش مەنتىقىسى