ئەنگلىيە خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ ئېلان قىلماقچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-ئۆكتەبىر
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»(The Sun) نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە دائىرىلىرى يېقىندا خىتاينى ھەقىقىي تۈردە «دۆلەت تەھدىتى» دەپ ئېلان قىلماقچى ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايال باش مىنىستىر لىز ترۇز يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيەگە ئەڭ چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تاشقى كۈچلەر ئۈستىدە سىستېمىلىق باھالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى پات يېقىندا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانماقچى ئىكەن. «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئەنگلىيەگە ئەڭ چوڭ خەپ ئېلىپ كېلىدىغان تاشقى كۈچ دەل خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتى دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئەنگلىيە تور ئاخبارات بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىم جېرىمى فلەمىڭ Jeremy Fleming خىتاينى مەقسەتلىك ھالدا خەلقئارا بىخەتەرلىك قائىدە پرىنسىپلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى سىمىس (Iain Duncan Smith) ئەپەندى خىتاي توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئەمدى بىزنىڭ تالاش-تارتىشلارنى توختىتىپ خىتاينىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتىمىز يېتىپ كەلدى.»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»