(2019-يىلى 30-ئۆكتەبىر)
بېلگىيە «سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتى (VUB) كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرى سۇڭ شىننىڭ (宋新宁) جاسۇسلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك، بۇندىن كېيىن بېلگىيەگە كىرىشى ۋە كەلگۈسى 8 يىل ئىچىدە ياۋروپا شېنگېن ۋىزا رايونىدىكى 26 دۆلەتكە كىرىشى چەكلەنگەن. ئۇ ئاللىقاچان بېلگىيەدە 10 يىلچە ياشىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەڭرى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
سۇڭ شىننىڭ خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (中国人民大学) خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى پروفېسسورى بولۇپ، 2016-يىلى برۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
مەنبە:
NTD 新唐人電視台، 德國之音
https://www.ntdtv.com/gb/2019/10/30/a102696908.html
https://stimme-de.de/2019/10/29/6987/
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى
ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى