رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: 3-دۇنيا ئۇرۇشى يادرو ئۇرۇشى بولىدۇ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-مارت
ئارمان
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف 3-مارت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: « ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىننىڭ دېيىشىچە، ئېمبارگودىن سىرت بىردىنبىر تاللاش 3- دۇنيا ئۇرۇشى ئىكەن، ئۇنداقتا مەنچە ئەگەر راستىنىلا دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا ئۇ چاغدا پەقەتلا يادرو ئۇرۇشى پارتلايدۇ.»
ئۇ يەنە 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى غەربلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى رۇسىيە خەلقىنىڭ پىكىرى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن، ھەمدە مۇنداق دېگەن:« ئەگەر ئۇرۇش نوقۇل ھالدا بىزگە قارىتىلسا، بۇ پىلاننى تۈزگەنلەر ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك، مېنىڭچە ئۇلار بۇ ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ.»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»