2018 – يىلىدىكى دىنىي ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون نەپەر شەخىس
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-21
ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ھەر بىرىنىڭ ماختاشقا تىگىشلىك ئىش- ئىزلىرى كۆپ، خەلقنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ماقامى ئۈستۈندۇر. تۆۋەندىكى تاللاشتا ئىلمىي خىزمەت ۋە خاسلىق ئاساس قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا زىيادە مەدھىيە ئوقۇلماستىن، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزگە ھەدىيە ئەتكەنلىرىنىلا تىلغا ئالدۇق.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ: پىشقەدەم ئۆلىما،“تەپسىر جەۋھەرلىرى“، “ قەلەم ئىلھاملىرى“ مۇئەللىپى

ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى: مەرىپەت ژورنىلى مەسئۇلى، تۈركىستان تايمىس تور بىتى مەسئۇلى، جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى دىكتورى

دوكتۇر ئابدۇلئەزىز: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى، پەتىۋالار مەجمۇئەسى يازغۇچىسى

دوكتۇر ئابدۇراھمان كاشغەرى: تەپسىرشۇناس، ئىسلاھاتچىل ئىسلامىي ماقالىلەر مۇئەللىپى، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ”ئۇيغۇرلار“ ناملىق كىتابى ئەرەپچە تەرجىمىسىنىڭ مۇھەررىرى.

دوكتۇر ئالىمجان بوغدا: سۈتچى ئىمام ئۇنىۋىرسىتى ئوقۇتقۇچىسى، “ تارىخى ماتىرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى“ ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى.

ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى: ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى قۇرغۇچىسى، داڭلىق دەۋەتچى

ئەلىئەكبەر داموللام: ئىسلاھاتچى ئۆلىما، ئەنقەرەگە يۈرۈش جامائەت كارۋىنى تەشكىللىگۈچىسى

دوكتۇر بورھان سايتى: ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى مۇتەخەسىسى، تۈركىيە ئىسلام ئىقتىسادى ژورنىلى مۇھەررىرى، ئۇيغۇر مىللى ۋەخپى قۇرغۇچىسى.

ئابدۇلھەپىز مەخسۇم: ئاچىل گۇرۇپپىسى، ئاچىل ئويغۇنۇش كۇرسى، ئاچىل چايخانىسى تەشكىللىگۈچىسى، پىروگرامما ئىنجىنىرى، ئىسلامىي چۈشەنچە ئاقارتىش تەرەپتارى

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى: ئەلجەزىرە گىزىتى تەكلىپلىك مۇخبىرى، 21- دىكابىر ھىندونوزىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم چاقىرىقى نامايىشىغا مۇھىم رول ئوينىغان ھەيدەكچىلىرىدىن بىرى.
