2017 ـ يىللىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى تولۇق تىزىملىكى
نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى ئالفېرد نوبىلنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد قۇرۇپ ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان . 1896 – يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم مىراسىنى ( 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)مەبلەغ قىلىپ ، ئۇنى ئۆسۇمى بويىچە فىزىكا ، خىمىيە ، فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم ، ئەدىبىيات ۋە تېنچلىق قاتارلىق 5 پەنگە بۆلۈپ تەسسىس قىلىپ بۇنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ ساھەلەردە ئىنسانىيەتكە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان .
شۇنىڭغا ئاساسەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 1900-يىلى 6- ئايدا رەسمىي ھالدا نوبىل مۇكاپاتىنى تەستىقلاپ يولغا قويغان ، ھەم 1901 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقاتقان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .
تۆۋەندە بۇ يىللىق 12 نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ تىزىملىكى:
1. رەينىر ۋايز (Reiner Weiss)، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (Massachusetts Institute of Technology)، ئامېرىكا
2. بەررىي بارىش (Barry C. Barish)، كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (California Institute of Technology)، ئامېرىكا
3. كىپ سورن (Kip S. Thorne)، كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (California Institute of Technology)، ئامېرىكانوبىل خىمىيە مۇكاپاتى: ئۈچ نەپەر خىمىيە ئالىمىغا ئورتاق بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش كومېتىتىنىڭ باھا سۆزى بولسا: « ئېرىتمىدىكى بىئومولېكۇلالىرىنىڭ قۇرۇلـمىسىنى يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن بەلگىلەيدىغان تۆۋەن تېمپىراتۇرا ئېلىكترون مىكروسكوپىنىڭ (cryo-electron microscopy) تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن بېرىلدى». مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ئىنىستىتۇتلىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ژاك دۈبوشە (Jacques Dubochet)، لوسون ئۇنۋېرستىتى (University of Lausanne)، شۋېتسارىيە
2. يوئاكىم فرەنك (Joachim Frank)، كولومبىيە ئۇنۋېرستىتى (Columbia University)، ئامېرىكا
3. رىچارد خەندىرسېن (Richard Henderson)، ئەنگىلىيە مولېكۇلا بىئولوگىيىسى تەجرىبىخانىسى (MRC Laboratory of Molecular Biology)، شوتلاندىيەنوبىل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى: ئۈچ نەپەر گېنشۇناسقا ئورتاق بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش كومىتىتىنىڭ باھا سۆزى بولسا: «24 سائەتلىك فىزىئولوگىيىلىك رېتىمنى (circadian rhythm) كونترول قىلىدىغان مولېكۇلالىق مېخانىزمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلدى». مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ئىنىستىتۇتلىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. جېفرېي خال (Jeffrey C. Hall)، مەين ئۇنۋېرستىتى (University of Maine)، ئامېرىكا
2. مايكول روسباش (Michael Rosbash)، بېرەندايس ئۇنۋېرستىتى (Brandeis University)، ئامېرىكا
3. مايكول ياڭ (Michael W. Young)، روكېفەللېر ئۇنۋېرستىتى (Rockefeller University)، ئامېرىكانوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى: ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ياپون يازغۇچىسى كازۇئو ئىشىگۇروغا (Kazuo Ishiguro) بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش كومېتىتىنىڭ باھا سۆزى بولسا: «رومانلىرىدىكى زور ھېسسىي كۈچ بىلەن بىز ۋە دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى خىيالىي باغلىنىشنىڭ ئاستىدىكى تېگى يوق ھاڭنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلدى». ئىشىگۇرونىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى: «بىر كۈننىڭ قالدۇقلىرى» (The Remains of the Day)، «مېنى ھەرگىز قويۇۋەتمە» (Never Let Me Go)، «كۆمۈلگەن گېگاند» (The Buried Giant).نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى: خەلقئارالىق يادرو قوراللىرىنى يوقۇتۇش تەشكىلاتى (International Campaign to Abolish Nuclear Weapons) بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش كومېتىتىنىڭ باھا سۆزى بولسا:« تەشكىلاتنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھالاكەتلىك ئاقىۋېتىگە دۇنيانىڭ دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقى ۋە كېلىشىم ئاساسىدىكى يادرو قوراللىرىنى چەكلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۆسۈش خارەكتىرلىك ئەمگىكىگە بېرىلدى».نوبىل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتى: ئامېرىكا چىكاگو ئۇنۋېرستىتىنىڭ پروففېسسورى رىچارد سالىرغا (Richard H. Thaler) بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش كومېتىتىنىڭ باھا سۆزى بولسا:«ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىقتىسادىغا (behavioral economics) قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن بېرىلدى».
مەنبە: نوبىل مۇكاپاتى تور بېكىتى www.nobelprize.org
15ـ ئۆكتەبىر، 2017
ئاتلانتا، ئامېرىكا